11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ساموئا زۇڭلىسى فىيامې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ساموئا زۇڭلىسى فىيامې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-ساموئا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. ساموئا يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى خانىم بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگو تەرەپ ساموئا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ساموئا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىدىغان سەمىمىي دوستلاردىن، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان مۇھىم ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ساموئا تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سودا، سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ساموئا تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، ساموئا تەرەپنىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق كۆرگەزمە سۇپىلىرىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى يەنىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، ساياھەت، داۋالاش، مائارىپ، ياشلار قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ساموئا دوستلۇقىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ساموئا ئوخشاشلا «جەنۇبىي يەرشارى»غا تەۋە، جۇڭگو تەرەپ ساموئا تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
فىيامې جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ مۇنداق بىلدۈردى: ساموئا تەرەپ جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ساموئا قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇھىم ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ساموئا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ساموئانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت، ساموئا تەرەپ كېلەر يىلىدىكى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق رامكىسىدا، سودا، يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە، مائارىپ، ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى، يەرلىك ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ساموئا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى «كۆك رەڭلىك تىنچ ئوكيان 2050 ئىستراتېگىيەسى»نى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مائارىپ قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا فىيامې ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.