دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ـ قالدۇردى

2024.11.27 16:07 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:

بىرىنچى، لۇ كاڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

ۋاڭ لۇتۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئىككىنچى، شياۋ جۈنجېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

فاڭ جۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئۈچىنچى، فەن شيەنرۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

ما شېڭكۇننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

تۆتىنچى، خې شياڭدۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىرېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

جاۋ شىيۈەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىرېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

بەشىنچى، خەن جىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇرىنام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

لىن جىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇرىنام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ