جۇڭگو ئاۋسترالىيەلىك ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملارنىڭ ۋىزىسىز تۇرۇش مۇددىتىنى 30 كۈنگە ئۇزارتىدۇ

2024.11.26 15:59 مەنبە: خەلق تورى

«جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى»نىڭ ئۈندىدار سالون خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2024 ـ يىل 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ 2025 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى سائەت 24 كىچە، جۇڭگو ئاۋسترالىيەلىك ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملارغا يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، چېگرادىن كىرىش سەۋەبىنى جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىش، سەيلە-ساياھەت قىلىش، ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، چېگرادىن ئۆتۈش، ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىشقىچە كېڭەيتتى، ۋىزىسىز تۇرۇش مۇددىتىنى 30 كۈنگە ئۇزارتتى.

2024-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0 دىن بۇرۇن قوبۇل قىلىنغان قىسقا مۇددەتلىك جۇڭگوغا كېلىش ۋىزىسى ئىلتىماسىغا قارىتا، يەنىلا نورمال تەكشۈرۈپ تارقىتىلىدۇ ھەمدە ھەق ئېلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ