لى چياڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان كارخانا ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.11.26 15:52 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭدا 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان كارخانا ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. جۇيوۋ ئېلېكتىر تېخنىكىسى گۇرۇھى، ئالما شىركىتى، جېڭدا گۇرۇھى، لىتو گۇرۇھى، كورنىڭ شىركىتى، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، نىڭدې شىدەي مال سېتىۋېلىش چەكلىك شىركىتى، ليەنشياڭ گۇرۇھى، TCL پەن-تېخنىكا گۇرۇھى، بەيشىڭ جۇڭگو پاي كونترول چەكلىك شىركىتى، ئامېرىكا-جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى قاتارلىق كارخانا ۋە ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

سۆھبەتكە قاتناشقان كارخانا ۋەكىللىرى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بازىرى دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دۇنياۋى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، كۈچلۈك ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى چىقاردى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇدى، تىجارەت-سودا مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى. چەت ئەلنىڭ جۇڭگودىكى كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادىغا تولۇق ئىشەنچى بار، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە جۇڭگو بازىرىغا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ، جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايدۇ.

لى چياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىمۇ تەدرىجىي زورىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر تاللاش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى مۇھىم ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ راۋان بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بېكىنىۋېلىشنىڭ چىقىش يولى بولمايدۇ، ئېچىۋېتىشلا توغرا يول ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، بەزى قورۇقچىلىق، خەۋپسىزلىكنى كېڭەيتىۋېتىش قىلمىشلىرى يەنىلا دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىگە زىيان يەتكۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تۆۋەنلىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى شۇنچە تونۇپ يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى كەڭ ئورتاق تونۇشنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى «ئىلمەكنى ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»، «ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇش» بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارشى تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قەتئىي قوغداش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى بولۇپ، داۋاملىق ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، بىز تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىمىز. بىز زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، تېخىمۇ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىنى سىجىل پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز. بىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىنى سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيمىز. بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ كەسىپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىشكە داۋاملىق كەڭ زېمىن ھازىرلايمىز.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەڭ كارخانىلارنىڭ دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى ۋە پائال قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ ھەمكارلىشىش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە، ئېلاستىكلىققا ۋە ئۈنۈمگە تېخىمۇ باي دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋۇ جېڭلۇڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ