ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى! شىنجاڭدا يەنە بىر ئايرودۇرۇم كۆپەيدى

2024.11.25 15:38 مەنبە: خەلق تورى

«شىنجاڭ ئايروپورتى» ئۈندىدار سالونىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى قاغىلىق مىردەي ئايرودۇرۇمى ئايرودۇرۇم ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسىنى ئوڭۇشلۇق ئالغان، بۇ، ئايرودۇرۇمنىڭ ئېچىۋېتىش شارائىتىنى رەسمىي ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى A1 تۈرىدىكى 3-ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدىكەن.

قاغىلىق مىردەي ئايرودۇرۇمى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ لوق يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، 2022-يىل 4-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان. بۇ ئايرودۇرۇم A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇم، ئۇچۇش رايونىنىڭ كۆرسەتكۈچى B3 بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2000 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش يولىدىن بىرى، تىك يۆنىلىشلىك ئالاقە يولىدىن ئىككىسى، 3180 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە بېكىتى ئۇنىۋېرسال بىناسىدىن بىرى ھەمدە 15 ئايروپىلان ئورنى (بۇنىڭ ئىچىدەB تۈردىكى ئايروپىلان ئورنىدىن 12 سى، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئورنىدىن ئۈچى بار )نىڭ بېكەت سۇپىسى قاتارلىقلار قۇرۇلدى.

قاغىلىق مىردەي ئايرودۇرۇمى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى قۇرۇش-باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرىدىغان تۇنجى ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمى بولۇپ، ئايروپىلان قاتنىغاندىن كېيىن شىنجاڭ رايونىدىكى تۇنجى «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەر تۇتاشقان» بىرلەشمە تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى سىناق نۇقتىسى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يەرلىكنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى ئاساس سالىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ