11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ ( ئۈرۈمچى شەھەرلىك چەت ئەل تىلى مەكتىپى ) ئورگان تەرەپ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق رەسمىي بايانات ئېلان قىلدى:
مەكتەپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمىدى.
ئاتا-ئانىلار ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بەزى ساختا تەشۋىقات ۋە ساختا ۋەدىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەڭلار
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا، مەكتەپ بىر قىسىم جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ (ئۈرۈمچى شەھەرلىك چەت ئەل تىلى مەكتىپى) بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپ كەسكىن ھالدا شۇنداق بايانات ئېلان قىلىدۇكى، مەكتەپ ھېچقانداق جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمىدى، شۇنداقلا سىرتتىكى ھەرقانداق جەمئىيەت خاراكتېرلىك سۇپىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلمايدۇ ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايدۇ، ئاتا-ئانىلار «ئۈرۈمچى شەھەرلىك چەت ئەل تىلى مەكتىپى 12-ئوتتۇرا مەكتەپ»نىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا دىققەت قىلىڭلار، ئورگان تەرەپ ئۇچۇرى ئۈندىدار سالونىدىكى بويىچە بولىدۇ.