بۇ پۇل يەنە ئۆستى! 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇقلاپ تارقىتىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ!

2024.11.25 15:35 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللىنىش ئارقىلىق، 2024-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىنغان.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشتە، شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئېيىغا 678 يۈەندىن ئېيىغا 712 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئېيىغا 507 يۈەندىن ئېيىغا 568 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمى ئېيىغا 690 يۈەندىن ئېيىغا 820 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. بۇ قېتىم ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۇدا 14-قېتىم ئۆستۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر ـ يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشتىكى ئەمەلىي تەدبىرى. كۆپ يىللىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلاردىن ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى دەل جايىدا بېكىتىش خىزمىتىنى يېڭى ئۆلچەم بويىچە ياخشى ئىشلەپ، بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئارىسىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مەبلەغنى تولۇقلاپ تارقىتىش خىزمىتى بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇق تاماملىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ