دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسى: 2025-يىلى ئاچارچىلىقتا قالغان كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 16 مىليارد 900 مىليون دوللار مەبلەغقە ئېھتىياجىمىز بار

2024.11.25 15:42 مەنبە: خەلق تورى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى (دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسى) 12 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى «دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 2025-يىلىدىكى دۇنياغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: 2025 ـ يىلى ئاچارچىلىقتا قالغان كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 16 مىليارد 900 مىليون دوللار مەبلەغقە ئېھتىياجىمىز بار

دوكلاتتا دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسى قانات يايدۇرغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى باھالانغان ھەمدە دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسىنىڭ 2025-يىللىق ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەت پىلانى قىسقىچە بايان قىلىنغان. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىرغىچە، 74 دۆلەتتىكى 343 مىليون كىشى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاشلىق بىخەتەر بولماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، بۇ، بۇلتۇرقىدىن %10 ئاشتى، يۇقۇمدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا 200 مىليونغا يېقىن كىشى كۆپ بولدى. دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسى ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغان نۇرغۇن دۆلەتتە، مۇھىت كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، ياردەم بېرىش بارغانسېرى قىيىنلىشىپ، تەننەرخ تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2024 ـ يىلى مەبلەغ كەمچىل بولۇش دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسىنى ياردەم بېرىش كۆلىمىنى تارايتىشقا مەجبۇر قىلدى، بىر قىسىم ئەڭ ئاجىز كىشىلەر توپى كۆپ ھاللاردا ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ. 2025-يىلى، 123 مىليون ئاچ قالغان كىشىلەر توپىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق مەبلەغ تەخمىنەن 16 مىليارد 900 مىليون دوللار بولۇپ، بۇ سان تەخمىنەن پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە قەھۋە سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان چىقىمىغا باراۋەر.

دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە ئىش بېجىرگۈچىسى سىندى ماكايىن مۇنداق دېدى: ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك توقۇنۇش، كۆپ يۈز بېرىدىغان كىلىمات ئاپىتى ۋە كەڭ دائىرىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىقتىسادىي داۋالغۇش دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاچارچىلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مالىيە ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن قوللىشىغا ئېھتىياجلىق.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ