مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەتىدىن باشلاپ سوغۇق ئېقىمنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە دۆلىتىمىزگە تەدرىجىي سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ بىرقەدەر تىنچ ھاۋا رايى ۋەزىيىتى ئارقا-ئارقىدىن بۇزۇپ تاشلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە، كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇل، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇستىن كۆپرەك تۆۋەنلەيدىكەن؛ كۆپ قىسىم رايونلاردا تۆت بالدىن ئالتە بالغىچە شامال چىقىدىكەن. يەتتە بالدىن توققۇز بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سوغۇق ئېقىم ئالدى بىلەن شىنجاڭ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ شەرققە سۈرۈلۈپ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 28-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گىرادۇس سىزىقى جەنۇبقا سۈرۈلۈپ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا بارىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا، 11ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يەنە قار ـ يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن، غەربىي شىمال رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، ئىچكى موڭغۇل، شىمالىي جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسىمى، شەرقىي شىمال رايونلىرى ۋە خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قار ياغىدىكەن ياكى يامغۇردىن يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، خېيلۇڭجياڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن؛ شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، خۇاڭخې-خۇەيخې دەرياسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا ئازراق ياكى ئوتتۇرا ھال يامغۇر، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغىدىكەن.