خۇنەن ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: خۇنەن پىڭجياڭ ناھىيەسىنىڭ ۋەنگۇ ئالتۇن كانىدا كان تەكشۈرۈشتە مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، يەر ئاستىدىكى 2000 مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇقتىكى يەر قاتلىمىدا 40 تىن ئارتۇق ئالتۇن كان تومۇرى بايقالدى، ئالتۇننىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 138 گىرام/توننىغا يېتىدۇ، كان تەكشۈرۈش يادرولۇق رايونىدا تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن ئالتۇن بايلىق مىقدارى جەمئىي 300.2 توننا.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەر ئاستىدىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭقۇرلۇقتىكى ئالتۇن زاپىسى 1000 توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئالتۇن باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا بايلىق قىممىتى 600 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن.