ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق بىلەن زەخىملەندۈرۈش، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، پەسكەشلىك قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرىدىن جەمئىي 225 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تۇتۇشنى تەستىقلىغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان 306 مىڭدىن ئارتۇق جاۋابكارنى ئەيىبلىگەن.
ئۆتكەن بەش يىلدا، تەپتىش ئورگانلىرى گەنسۇدىكى ما XX، سى XX قاتارلىقلارنىڭ نارەسىدە قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى، خۇبېيدىكى ليۇ XX نىڭ ئوقۇغۇچىغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش دېلوسى ھەمدە سەنشى، خۇنەندىكى مەكتەپ زوراۋانلىقى قاتارلىق جەمئىيەت كەڭ دائىرىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر تۈركۈم دېلولارنى قانۇن بويىچە بېجىردى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش دېلوسىدىن ئۈچى توغرىسىدا قانۇن بويىچە نارازىلىق ئەرزى سۇندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىگە چىقىرىلغان ھۆكۈم ئۆزگەرتىلدى، گۇناھسىز دەپ چىقىرىلغان ھۆكۈم مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلدى، يەنە بىرى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىش، پەسكەشلىك قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات»نى ئېلان قىلىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا باشلامچى بولۇپ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزدى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش دېلولىرىنى مەجبۇرىي دوكلات قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن قويۇق ئۇچرىشىدىغان ئورۇنلار خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغۇچىنىڭ ئالاقىدار جىنايەت خاتىرىسى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، گوۋۇيۈەن ئاياللار-بالىلار خىزمىتى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى <بىر قېتىمدىلا بېجىرىش>تەك قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە قارىتا جازالاش بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، جىنايەتنىڭ خاراكتېرى، سۇبيېكتىپ رەزىللىكى، زىيانكەشلىك ئاقىۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، مۇناسىپ جازالاش-ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەربىيە بېرىش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك. 2019-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى بىرقەدەر ئېغىر، خاراكتېرى قەبىھ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قەتئىي يول قويماي، 120 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى، 170 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئەيىبلىدى. جىنايىتى بىرقەدەر يېنىك، تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەن، تاسادىپىي جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە كەڭچىلىك قىلىپ، كېچىكتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، 120 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىمىدى، 130 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئەيىبلىمىدى، 90 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قوشۇمچە شەرت بىلەن ئەيىبلىمىدى.