مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 2025-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەردىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەرياننى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ باراۋەر، ئادىل، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئاپپاراتلىرى تەۋەلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە تۈردىكى ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تەۋەلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت چارىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىلىرىغا ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل، ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، ئىمتىھان ئېلىش ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت چارىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەت بەلگىلىمىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش ئىمتىھان مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ئىجابىي تەشۋىقات ۋە سىياسەتنى نوپۇزلۇق چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئەسكەرتىش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.