شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشتى

2024.11.21 16:09 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 4 - ئايدا سىز جۇڭگودا زىيارەتتە بولدىڭىز، بىز سەمىمىي، چوڭقۇر، مول نەتىجىلىك پىكىر ئالماشتۇردۇق. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت يېشىل تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش، ئافرىقىغا قارىتىلغان يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى سىجىل يېڭى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ئاچقۇچلۇق تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادىكى 2 - ، 3 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يىراق كەلگۈسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەمكارلىق ھېكايىسىنى داۋاملىق پۈتۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيەگە قاراتقان سىياسىتىدە يۈكسەك مۇقىملىق ۋە سىجىللىقنى ساقلايدۇ، گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، جۇڭگو - گېرمانىيە ھەمكارلىقى تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتىكى پۇرسەت. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيەنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، دەپ قارايدۇ، گېرمانىيە كارخانىلىرىنى داۋاملىق كەڭ بازار پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپ رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ 3 - تەرەپ بازىرىنى ئېچىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپانى كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيانىڭ مۇھىم بىر قۇتۇپى، دەپ قارايدۇ، ياۋروپا بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، گېرمانىيە تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شولىز مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئالدىنقى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى پائال تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، باراۋەر، سەمىمىي ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى جايىدا ھەل قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى، ئېشىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق توكلۇق ئاپتوموبىل مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، گېرمانىيە تەرەپ بۇ جەھەتتە پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ