شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى مىلېي بىلەن كۆرۈشتى

2024.11.21 16:08 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى مىلېي بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى مىلېي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇردى. جۇڭگونىڭ ئارگېنتىناغا قاراتقان سىياسىتى باشتىن - ئاخىر ئارگېنتىنادىكى بارلىق خەلققە يۈزلەنگەن بولۇپ، جۇڭگو - ئارگېنتىنا ھەمكارلىقىمۇ بارلىق خەلققە بەخت يارىتىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم تۈگۈندە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، ئارگېنتىنا تەرەپنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئارگېنتىنا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا ئىككى تەرەپ داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - ئارگېنتىنا دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئىقتىساد - سودا قۇرۇلمىسى يۈكسەك دەرىجىدە بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەمكارلىق ئىستىقبالى كەڭ بولۇپ، ئارگېنتىنا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشى ئېلىپ كەلگەن مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگودىكى بازار ئۈلۈشىنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئارگېنتىنا تەرەپنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

مىلېي مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت ئىچى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن قىممەتلىك ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. ئارگېنتىنا جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك ۋە مۇقىم ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئارگېنتىنا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ئارگېنتىنا تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئارگېنتىناغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئارگېنتىناغا مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشنى خالايدۇ. ئارگېنتىنا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا بايان قىلغان مۇپەسسەل تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئارگېنتىنا تەرەپ جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشنى قوللايدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ