دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بولىۋىيە زۇڭتۇڭى ئارسې بىلەن كۆرۈشتى

2024.11.21 16:08 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە بولىۋىيە زۇڭتۇڭى ئارسې بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە بولىۋىيە زۇڭتۇڭى ئارسې بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بولىۋىيە ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو تەرەپ بولىۋىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن بولىۋىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، بولىۋىيە تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - بولىۋىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە، يەرلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى بولىۋىيەنىڭ 2025 - يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېگىزلىك يېزا ئىگىلىكى، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، بولىۋىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

ئارسې مۇنداق بىلدۈردى: بولىۋىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقى چوڭقۇر، جۇڭگو تەرەپنىڭ بولىۋىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، بولىۋىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بولىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم ئۆرنەك ۋە يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا پېرۇ چيەنكەي پورتىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. بولىۋىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بولىۋىيەنىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. بولىۋىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ