شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە مۇستەقىل، پىشىپ يېتىلگەن، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزگىچە ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ۋە يەرشارىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىل 5 - ئايدا، بىز جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «يېڭى 60 يىلى»غا نەزەر سالدۇق ھەم يەرشارىۋى خىرىس ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خەلقئارادا كەڭ ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلدۇق. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنى يەرشارىۋى خىرىسقا ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەش جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتى. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئاكتىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، يەرلىك، ياشلار قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى باشلىدى، بۇ، جۇڭگو - فىرانسىيە ھەمكارلىقىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىقتىساد، مالىيە، پۇل مۇئامىلە سۆھبىتى، ئىقتىساد - سودا ئارىلاشما كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 5 - ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، بىز ئورتاق ھالدا فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. بۈگۈنكى دۇنيا تۈرلۈك مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار بىلەن تولغان. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭىچە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. فىرانسىيە ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھىغا ئەمەل قىلىپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا تالاش - تارتىشلىرىنى جايىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل بولۇپ، توقۇنۇش ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، كىرىزىسنىڭ سىرتقا يامرىشىنى، ئۇرۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.