نەق مەيداندا قايتۇرما زەربە بەردى! گېڭ شۇاڭ ئامېرىكا تەرەپكە رەددىيە بەردى

2024.11.20 16:32 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى پارتلىغانلىقىغا 1000 كۈن بولغانلىقىغا ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ جۇڭگو تەرەپكە بوھتان چاپلىغان ۋە قارا چاپلىغان سۆزلىرىگە نەق مەيداندا رەددىيە بەردى.

«ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۆز قىلىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى چۈشىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

«ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ پارتلىشى ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىشى ئامېرىكا بىلەن ناھايىتى زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك، كەلگۈسىدە ئۇرۇشنى بالدۇرراق توختىتىش ـ توختاتماسلىق، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ـ ئاشۇرالماسلىق خېلى زور دەرىجىدە ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئىپادىسىگە باغلىق.»

«ئامېرىكا تەرەپنىڭ كىرىزىسنى قەستەن كېڭەيتىپ، ئۇرۇشنى ئۇزارتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتەك بۇنداق سۇيىقەستىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ