11 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 11 ـ ئايلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: يەرلىكنىڭ بازار ئىجازىتى تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىدىن بىرى بايقالسا، بىرىنى تۈزىتىش، بىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.
ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى 7-تۈركۈمدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئون تىپىك دېلونى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى چاۋ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، مەلۇم بىر جاي بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى ئېچىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەت شارائىتىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلاردىن دۆلەت كارخانىلىرىغا باغلاپ، شامال مەيدانى بايلىقىنى ئېچىشقا ئورتاق قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ تىپىك بازار ئىجازىتى توسۇقى پەيدا قىلىش ھېسابلىنىدۇ.