شياڭگاڭدىكى تۇنجى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىلدى، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىقان قىلغان 45 ئۇنسۇرغا جازا ھۆكۈم قىلىندى

2024.11.20 16:30 مەنبە: خەلق تورى

شياڭگاڭدىكى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش سۇيىقەستىدە بولۇش جىنايى دېلوسى»غا 19-چېسلا شياڭگاڭ شىجيۇلۇڭ سوت مەھكىمىسى جازا ھۆكۈم قىلدى، بۇ دېلو شياڭگاڭدىكى تۇنجى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش دېلوسى بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىقان قىلغان 45 ئۇنسۇرغا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىندى.

سوتچى دەي ياۋتىڭغا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش سۇيىقەستىدە بولۇش جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى، خۇاڭ جىفېڭغا 56 ئايلىق قاماق جازاسى، ئوۋ نوشۈەنگە 6 يىل 9 ئايلىق قاماق جازاسى، جاۋ جياشيەنگە يەتتە يىللىق قاماق جازاسى، جۇڭ جىنلىنغا 6 يىل بىر ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىك ھۆكۈمىنى ئېلان قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ