مۇخبىرنىڭ 19-چېسلا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ زىددىيەت، خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغاندا مۇنداق بىلدۈرگەن: مەكتەپ بىخەتەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايەتلەرگە «قەتئىي يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى خەۋپ-خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.