جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارمىيەسى «پالۋان-8» ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ

2024.11.20 16:28 مەنبە: خەلق تورى

«دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خەۋىرى» ئۈندىدار سالونىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يىللىق پىلان ۋە جۇڭگو ـ پاكىستان ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، 11 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن 12 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئەسكىرىي كۈچ تەشكىللەپ پاكىستانغا ئەۋەتىپ «پالۋان ـ 8» ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرىنى قانات يايدۇرىدىكەن. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىردا «تېررورلۇققا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇپ يوقىتىش، زەربە بېرىش ھەرىكىتى» تېما قىلىنغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ كۆپ قاتلام، دەرىجە، كۆپ كەسىپ بويىچە ئارىلاش تەشكىللەنگەن بىرلەشمە مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش مۇساپىسى بويىچە بىرلەشمە ئارمىيە پىلانلاش، ئەمەلىي ئەسكەر مانېۋىرى تەشكىللەيدىكەن. بۇ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ بۇ يۈرۈشلۈك مانېۋىرنى 8 ـ قېتىم ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئەمەلىي ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېررورلۇققا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ