دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانىغا كىرىپ، ئورمانلىقتىكى چىغىر يولنى كېسىپ ئۆتكەندە، ئىلگىرىكى قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە سۆكسۆكلەر يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرىسىز.
ئورمانچىلىق مەيدانى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باياننور شەھىرىنىڭ لىنخې رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «几» خېتى شەكىللىك ئەگمىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدا. نەچچە ئەۋلاد كىشى ئۇدا كۈرەش قىلىپ، ئورمانچىلىق مەيدانىنى ھەممە يەرنى قۇم ۋە قاقاسلىق بېسىپ كەتكەن ھالەتتىن ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %65 كە يەتكۈزدى، قۇملىشىش كۆلىمى مەيدان قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 21 مىڭ 500 مودىن 5000 موغا تۆۋەنلەپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ يېشىل توسۇقى بەرپا قىلىندى.
2023 ـ يىل 6 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «يېشىللىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش»تىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق رايونلاردا كۆلەملەشكەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى موڭغۇل تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايونلۇق، پۈتۈن جەريانلىق يولغا قويۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، «كۆكەرتىش، بېيىتىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.
بۇ يىلدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل 19 مىليون 540 مىڭ مو قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش كۆلىمىنى تاماملىدى، بۇ، تەخمىنەن يىل بېشىدىكى پىلاننىڭ %113 ىگە توغرا كېلىدۇ. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جاۋشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل جەمئىي 143 مىليون مو ئورمان بىنا قىلدى، 352 مىليون مو يەرگە ئوت-چۆپ تېرىدى، 167 مىليون مو يەردە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى تاماملىدى، نۇقتىلىق تىزگىنلەش رايونلىرىدا «قۇم ئىلگىرىلەش، ئادەم چېكىنىش»تىن «يېشىللىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «几» خېتى شەكىللىك ئەگمە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، تۈرگە ئايرىپ تۈزەپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى.
شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە «قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش+سۈنئىي سۇغىرىش+سۈنئىي ئوت-چۆپ تېرىش» قاتارلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەكلىنى قوللاندى.
__ بىز ئوخشاش بولمىغان يەر تۈرىگە ئاساسەن، يېڭى تېخنىكا كىرگۈزۈپ، يېڭى مايسا يېتىشتۈرۈپ، سۈپىتى تۆۋەن، ئۈنۈمى تۆۋەن ئورمان، قېرىغان، رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن ئورماننى ئۆزگەرتىپ، قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق،__ دېدى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇ ۋېنخۇا ئانچە يىراق بولمىغان جاينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، — بۇ يىل يېڭىدىن تىكىلگەن جىرمىلەرنىڭ ئارىسىدا، كەڭ كەتكەن تارغاق ئوت، پالاڭلار ناھايىتى ياخشى ئۆسۈۋاتىدۇ.
«يول ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش»، «يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش» قاتارلىق ئەندىزىلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
كېرچىن قۇملۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىدىكى چىفېڭ شەھىرى ئۇنيۇت خوشۇنى تەۋەسىدىكى ۋۇرى لىنىيەسىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش تۈر رايونىدا، تەكشى، ئەگرى-بۈگرى كەتكەن قۇمنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيوللار قۇم بارخانلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكەنىدى. شۇ جايدىكى چارۋىچى دېلېخېي سايمان گۈرجىكى بىلەن شال پاخىلىنى قاتلاپ قۇمغا كىرگۈزۈپ، قايتا-قايتا مەشغۇلات قىلىپ سىزىق چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئوت-چۆپ كاتەكچىسى شەكىللەندۈردى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە، سانسىزلىغان ئوت-چۆپ كاتەكچىلىرى بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، خۇددى يېشىل چوڭ تورغا ئوخشاش كۆچمە قۇمنى چىڭ تىزگىنلەپ تۇراتتى.
«قۇمنى كېسىپ ئۆتىدىغان 16 تاشيولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 479.5 كىلومېتىر بولۇپ، قۇملۇق <تۈزەش دائىرىسى> گە ئايرىلىپ، تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 3 مىليون 510 مىڭ مو قۇملۇق تىزگىنلەندى. ئۇنيۇت خوشۇنى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خوشۇن باشلىقى مېڭ خېنىڭ قارىشىچە، يول قەيەرگىچە ياسالسا، كاتەكچىلەر شۇ يەرگىچە ياسىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىگە قولايلىق يارىتىلىپتۇ.
تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى، دېلېخېي بېقىۋاتقان كالا-قويلارنىڭمۇ بازىرى چىقتى، «ئوت-چۆپ كاتەكچىسىدىكى دەرەخ ۋە ئوت-چۆپلەر ياخشى ئۆسكەندىن كېيىن، بىز چارۋىچىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، پەسىل خاراكتېرلىك كالا-قوي بېقىشقا بولىدۇ، جەزمەن ياخشى پەرۋىش قىلىش كېرەك. »
قۇم-بوراننىڭ بېيجىڭغا كىرىشىنى توسۇش ۋە قۇم-بوران زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئىچكى موڭغۇل خورچىن ۋە خۇنشەنداق قۇملۇقىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋە شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويدى. شىلىنغول ئايمىقى «چارۋا بېقىشنى چەكلەش، قوغداش، قۇملۇقنى تۈزەش، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، يېشىل توك» بىر گەۋدىلەشكەن قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، يېشىل ئېنېرگىيەنى ئېچىش، چارۋىچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ تۇڭلياۋ شەھىرى كېرچىن سول قانات ئارقا خوشۇنى «چوڭقۇر تىكىش، تېيىز كۆمۈش»تەك تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، سۇغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەر تېمپېراتۇرىسىغا مۇۋاپىق كاپالەتلىك قىلىپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى...
ئالاشەن سول خوشۇنىغا كىرگەندە، ئادەم بويىدىن ئېگىزرەك سۆكسۆكلۈك ئارىسىدا يېرىم مېتىردىن كۆپرەك چوڭقۇرلۇقتىكى بىر جىلغا بار. چارۋىچى شېن لىشىن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تال ئىنچىكە، ئۇزۇن توشقانزەدىكىنى چىقاردى، «كولىغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك، سۆكسۆك يىلتىزىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى قۇم توپىنى تىندۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك. »
بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جايدا چارۋا بېقىش ئومۇميۈزلۈك چەكلەندى، شېن لىشىن ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇمچىلىق كەسپى بىلەن پائال شۇغۇللاندى، «ئائىلىمىزنىڭ 7200 مو يەردىكى سۆكسۆكلۈكى قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپلا قالماي، توشقانزەدىكىنى ئۇلىغاندىن كېيىن، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 250 مىڭ يۈەندىن كۆپ كىرىم قىلدۇق. »
ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇل قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قۇملۇق باغ-ئورمانچىلىقى، جۇڭيى ئوت-چۆپ، دورا ماتېرىياللىرى، يورۇقلۇق يېڭى ئېنېرگىيەسى، قۇملۇق ساياھەتچىلىكى قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئورمان، ئوتلاق، قۇملۇق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 66 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 23 ئاشتى.
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن شاۋچېڭ شۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك». «قۇمنى تىزگىنلەشتىن سەكرەپ چىقىپ قۇمنى تىزگىنلىگەندىلا، چۆللىشىش، قۇملىشىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بىز تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ماس ياخشى قىلىپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش، كاربون يىغىش سودىسى، ئېكولوگىيە ساياھىتى قاتارلىق ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، سۈزۈك دەريا، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»