شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭى سېنباۋۇم بىلەن كۆرۈشتى

2024.11.20 15:52 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە مېكسىكا زۇڭتۇڭى سېنباۋۇم بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە مېكسىكا زۇڭتۇڭى سېنباۋۇم بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ سېنباۋۇمنىڭ مېكسىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2013 - يىلى مەن مېكسىكىدا زىيارەتتە بولغان، شۇ قېتىمقى زىيارەت مەندە چوڭقۇر ھەم ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرغانىدى. جۇڭگو - مېكسىكا ئىككى دۆلەت ئۇزاق دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ئىگە، ئىككى تەرەپ ئالاقىلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۈكسەك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدە ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو - مېكسىكا ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىدىيەسى ماس كېلىدۇ، ئوخشاشلا ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مېكسىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

سېنباۋۇم مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن سىزنىڭ بىز ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھايىڭىزنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. مېكسىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ گەرچە ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق. نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرى مېكسىكىدا كەسىپلەرنى قانات يايدۇردى، جۈملىدىن مېكسىكا شەھىرىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ مېكسىكا دەھشەتلىك بورانغا ئۇچراش قاتارلىق قىيىن پەيتلەردە زور كۈچ بىلەن سەمىمىي ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ كۈچلۈك گۇۋاھچىسى. مېكسىكا - جۇڭگو ئىككى تەرەپ بىردەك كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ، مېكسىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ