قەشقەر شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشى كېلىپ چىقتى

2024.11.19 16:06 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 15 تىن 25 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتلاردا، قەشقەر شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ 5-نومۇرلۇق ياتاق بىناسى (ئوغۇللار ياتىقى)دىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش بىناسىغا دەرس ئاڭلىغىلى كېتىۋاتقاندا، بىر ئوقۇغۇچى ياتاق بىناسىنىڭ 1-قەۋىتى ئالدىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈشى بىلەن، دەسسىلىش كېلىپ چىقىپ، ئۈچ ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھازىر ئۇلار پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ، 11 ئادەم يېنىك يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى، قەشقەر شەھىرى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويدى، مائارىپ، سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى. نۆۋەتتە، يارىدارلارنى داۋالاش، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ