ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلىكتە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ ھۆكۈم-كېسىمىنى ئىجرا قىلماسلىقنى بېجىرىش ھەققىدىكى قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە ھەققىدە ئىزاھات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈم-كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دەۋادا غەلىبە قىلغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ نوپۇزى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىناۋىتىنى قوغدىدى.
قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى، ئىجرا قىلىشقا ياردەملىشىش مەسئۇلىيىتى بار ئادەم، كېپىل بولغۇچى قاتارلىق ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق ئىجرا قىلمىغانلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 313-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھۆكۈم-كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، دەۋا باشلانغاندىن كېيىن، كېسىم كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى مال-مۈلكىنى يوشۇرۇش، يۆتكەش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ھۆكۈم-كېسىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى ئىسپاتلىنىپ، ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا، ئۇنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بار، لېكىن ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى، دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، ھۆكۈم-كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.