شاڭخەي شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۈندىدارىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شاڭخەي شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق تۆت تارماق 11-ئاينىڭ 18-كۈنى «ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆلچىمىنى بىكار قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان، تۆۋەندىكىسى تولۇق تېكىستى:
دۆلەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، مەزكۇر شەھەر ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە غەيرىي ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆلچىمى بىكار قىلىندى، شەخسىي تۇرالغۇ سودىسىدىن باج ئېلىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
1. شەخسلەر تۇرالغۇنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ئۆينىڭ ئەسلىي قىممەت ئىسپاتىنى تولۇق، توغرا تەمىنلەپ بەرمەي، ئۆينىڭ ئەسلىي قىممىتى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى توغرا ھېسابلىغىلى بولمىسا، بەلگىلىمىگە ئاساسەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىپ باج ئېلىش يولغا قويۇلىدۇ، ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىنىڭ % 1 ى بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك شەخسلەر تاپاۋەت بېجى سوممىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ.
2. شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ سېتىشىغا چېتىلىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى، شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ سېتىۋېلىشىغا چېتىلىدىغان يەر خېتى بېجى «ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار باج سىياسىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» (مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ 2024-يىلى 16-نومۇرلۇق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى)تىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
بۇ «ئۇقتۇرۇش» 2024-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى