جۇڭگو تەرەپ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ئەزەلدىن تەمىنلىمىدۇق

2024.11.19 16:04 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 11-ئاينىڭ 18-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سوئال سورىدى.

لىن جيەن: بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم ئىنكاس قايتۇرغان. مەن بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدە ئىزچىل ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، پائال ياراشتۇرۇپ، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا ئۇت ئۈستىگە ياغ چاچىدىغان ئۇسۇلى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى.

جۇڭگو تەرەپ ھەربىي بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلىش جەھەتتە ئەزەلدىن ئېھتىياتچان، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى، توقۇنۇشۇۋاتقان ئالاقىدار تەرەپنى ئەزەلدىن ئەجەللىك قورال بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى، باشتىن-ئاخىر قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە، ھەربىي ۋە ھەربىي-خەلق ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى قاتتىق باشقۇرۇپ تىزگىنلىدى. ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە كىشىلەرنىڭ پاكىت ئاساسى يوق ئەھۋالدا جۇڭگو تەرەپ توغرىسىدا قارىسىغا پەرەز قىلماسلىقى، جۇڭگو تەرەپكە بوھتان چاپلىماسلىقى، قارا چاپلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ