مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالاقىدار تەكلىپلەرنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 6 تىرىليون يۈەن قەرز چېكى سوممىسىنى ھەرقايسى جايلارغا چۈشۈرۈپ بېرىپ، يەرلىكنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى چىڭ تۇتۇپ ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تارقىتىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، زايوم مەبلىغىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان.
نۆۋەتتە مالىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەشكىللەپ، يەرلىككە قارىتىلغان سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، 6 تىرىليون يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز چېكى سوممىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرماقتا. قىسمەن ئۆلكىلەر تارقىتىش خىزمىتىنى باشلاپ، سىياسەتنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلەتتى.