شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېس بىلەن كۆرۈشتى

2024.11.19 15:59 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېس بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 11 - ئايدا، بىز بېيجىڭدا جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيلىق، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغانىدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكىلىرى قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى ساقلاپ، بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، پەقەت ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرسىلا، جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنى چوقۇم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، مۇقىم، تېخىمۇ مول نەتىجىلىك بولغان جۇڭگو - ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاۋسترالىيەنىڭ 250تىن ئارتۇق كارخانىسى بۇ يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى، بۇ ئاۋسترالىيە تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا تاشلىغان «ئىشەنچ بېلىتى». ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ئاشكارا، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر ئىككىسى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ۋە ئەركىن سودىنى قوللىغۇچىلار، قوغدىغۇچىلار، ئىككى تەرەپ ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەت ۋە مەنپەئەتتىن بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئالبانېس مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋسترالىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن بۇلتۇر جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، ئاۋسترالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ساھەلەردە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. ئاۋسترالىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىش»قا قارشى تۇرىدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ۋە ئېشىشنى ساقلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئاۋسترالىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى تەرىپلەيدۇ، جۇڭگونىڭ 2026 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانى بولۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ