شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېر بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان، ھەم يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ئورۇن بېكىتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، قىممەت قارىشى، جەمئىيەت تۈزۈمىدە پەرق بولسىمۇ، لېكىن كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىغا ئاقىلانە، ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم داۋاملىشىشى، پۇختا داۋاملىشىشى، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت سودا - سېلىنما، پاكىز ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، داۋالاش - خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە، بۇنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېرەك. ئىككى تەرەپ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ستارمېر مۇنداق بىلدۈردى: ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەت بار، يەرشارىۋى خىرىسلارنى ھەل قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا مۇھىم مەسئۇلىيىتى بار. ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كۈچلۈك مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئەنگلىيە تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەر - سەمىمىي بولۇش روھىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، مالىيە - پۇل مۇئامىلە، ساقلىق ساقلاش - داۋالاش، مائارىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.