لى چياڭ جۇڭگو بىناكارلىق پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئۆي قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك

2024.11.19 15:56 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى جۇڭگو بىناكارلىق پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، بىخەتەر، ئازادە، يېشىل، ئاقىل ياخشى ئۆيلەرنى كۈچەپ قۇرۇپ، ئۆي-زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

«پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشقا كۈچ قوشۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش» باش تېما قىلىنغان جۇڭگو بىناكارلىق پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. لى چياڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، يېڭىدىن سېلىنغان ئۆي ۋە ئۆزگەرتىلگەن كونا ئۆينىڭ ئۆرنەك ئۆي، ئىناق ۋە گۈزەل يېزا تۇرالغۇسىنىڭ يېڭى تىپتىكى يېزا تۇرالغۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تۇرالغۇ تەرەققىياتى «بارمۇ-يوق» دېگەندىن «ياخشىمۇ-ياخشى ئەمەسمۇ» دېگەنگە قاراپ يۈزلەنمەكتە، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ سۈپىتى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىدار، سۈپەت، تۇيغۇ قاتارلىق جەھەتلەردىن چىقىش قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ئولتۇراقلىشىش ئادىتى، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي ئىقتىدارى قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئېھتىياجى، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلىشىش، بالىلارغا يېقىشلىق بولۇش قاتارلىق يېڭى ئېھتىياجلارنى تولۇق ئويلىشىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئالغا سىلجىتىپ ۋە ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا ئارقىلىق يېڭى ئۆيلەرنى ياخشى سېلىپ چىقىشقا كۈچ قوشۇش، ئىلمىي ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كونا ئۆيلەرنى ياخشى ئۆيلەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، لى چياڭ «ئۆي ـ ئاپتوموبىل ـ تور» يۇغۇرۇلغان يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرالغۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆرنەك ئۆي، يورۇقلۇق ۋولتلۇق تام قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى، توشۇغۇچى ماشىنا ئادەم، بوشلۇقتا بىنا سېلىش ماشىنىسى قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى دېتاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئۆي لايىھەلەش، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، قۇرۇلۇش تەننەرخى، يانداش مۇلازىمەت قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى بىناكارلىق ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېشىللاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، لايىھەلەش، قۇرۇش ۋە ئاسراش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئۆي-زېمىن كەسپى ۋە بىناكارلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شاڭخەي جيەنگو شەرقىي يولىنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى قوغداش ۋە شەھەر يېڭىلاش قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ خۇاپىچاڭ خۇتۇڭ 8-نومۇرلۇق «ئەسلىدىكىنى چېقىپ ئەسلىي بويىچە سېلىنغان» بۆلەكلەشتۈرۈلگەن ياخشى ئۆي قاتارلىقلار كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندە، لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شەھەرنى يېڭىلاش ھازىر شەھەر قۇرۇلۇشىدا دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى يوشۇرۇنغان. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يىرىك پىلاندا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلچەمنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى ئۆي قۇرۇلۇشىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلار، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. شەھەرنى يېڭىلاش داۋامىدا ئاممىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىناق شەھەرنى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەك.

ۋۇ جېڭلۇڭ ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ