لى چياڭ خېبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

2024.11.19 15:52 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر زوۋ ۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى خېبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.

شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا، لى چياڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ تور گۇرۇھىغا كېلىپ، كارخانىنىڭ قۇرۇلۇشى، تىجارىتى، سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، سۈنئىي ھەمراھ تور سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈشى ھەم ئۇنى قوللىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئېلىش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىلى بايلىقىنى توپلاشقا پايدىلىق تۈزۈلمە-مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگە خاراكتېرلىك تارقاقلاشتۇرۇش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رىقابەت كۈچى، تۈرتكىلىك كۈچى كۈچلۈك تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىپ، يۇقىرى، يېڭى كەسىپ سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك. باش قىشتىكى بەيياڭديەندە زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. لى چياڭ بۇ يەرگە كېلىپ، بەيياڭديەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش، قوغداش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، سۇ سۈپىتىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش-ئۆلچەش نەتىجىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كۆل رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلانغانلىقىنى ماختىدى. لى چياڭ مۇنداق دېدى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ مۇھىم قىممىتىنىڭ ئىپادىسى. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بەيياڭديەن كۆلى ھەم يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىننى ماس قوغداش ۋە ئېكولوگىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش، يېشىل بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يارقىن نام كارتىسى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

باۋدىڭدا، لى چياڭ تۇڭگۇاڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، كىرىستال ئۆستۈرۈش سېخىغا كىرىپ ھۈنەر-سەنئەت تەرتىپىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار تېخنىكا كۆرسەتكۈچلىرىنى تەپسىلىي سورىدى. لى چياڭ كارخانىلارنى ئالدىنقى سەپ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردىكى قىيىن مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. لى چياڭ جوجوۋ شەھىرىدىكى شياۋچىڭخې كەلكۈن تارقاقلاشتۇرۇش رايونىدىكى نەنۋېي توسمىسى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈرنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى قايتا قۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. لى چياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر خېبېي ئۆلكىسى تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان پەۋقۇلئاددە زور قارا يامغۇر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر. ئۆيلەرنى قايتا سېلىش ۋە رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەش، سۇدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تاشيوللارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەريا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، توسمىلارنى مۇستەھكەملەش، سۇ ئامبارلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، زور كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زور خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. لى چياڭ شۇ جايدىكى كادىرلارغا مۇنداق تاپىلىدى: قىش پەسلى يېتىپ كەلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئويلاپ، بىر-بىرلەپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىڭلار.

لى چياڭ خېبېينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، خېبېينىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېبېي خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ