دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق تېز يوللانما 100 پارچىدىن ئاشقان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سېكۇنتىغا 5400 دىن ئارتۇق تېز يوللانما يەتكۈزۈلگەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كۈندىلىك كەسىپ مىقدارى 729 مىليون پارچىدىن ئاشقان.
11-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، تېز يەتكۈزۈشنىڭ يىللىق كەسىپ مىقدارى تۇنجى قېتىم 150 مىليارد پارچىدىن ئاشقان.