مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2024.11.18 14:45 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 17-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى نەق مەيداندا يەتكۈزۈش پائالىيىتى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 11ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى سەنيا شەھەرلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئوت يېقىش مۇراسىمىدىكى 12 مەشئەل يەتكۈزگۈچى بىلەن باشلىنىش مۇراسىمىدىكى 12 مەشئەل يەتكۈزگۈچىنى قوشقاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە جەمئىي 131 مەشئەل يەتكۈزكۈچى قاتنىشىدۇ. مەشئەل يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ سانى «56» بىلەن «75»تىن ئىبارەت ئىككى ساننىڭ قوشۇلۇشىدىن كەلگەن بولۇپ، «56 مىللەت بىر يەرگە جەم بولسا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بولىدۇ، جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەيدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

مەشئەلنى نەق مەيداندا يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە سەنياۋەن خەيخۇڭ مەيدانى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، سەنياۋەن، خەييۆ مەيدانى، سەنيا ساياھەت كېمىسى ساياھەت مەركىزى قاتارلىقلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا بەنشەن يېرىم ئارىلى يەلكەنلىك كېمە پورتىغا يېتىپ بارىدۇ. ئىككى سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان يەتكۈزۈش جەريانىدا قۇم ساھىلىدا يەتكۈزۈش، تاشيولدا يەتكۈزۈش، بوشلۇقتا يەتكۈزۈش، دېڭىزدا يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر قوللىنىلىپ، سەيلە كېمىسى ئىقتىسادى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، تەنتەربىيە ساياھىتى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، خەينەننىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ۋە ئەركىن سودا پورتى بولۇشتەك ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ