بېكىتىلدى! شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمنى ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك

2024.11.18 14:42 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 15-كۈنى نارات ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ-كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى تەستىقلاندى.

نارات ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى.

نارات ئايرودۇرۇمى دۆلەت ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى، كىچىك تىپتىكى ئايرودۇرۇم قىلىپ بېكىتىلدى

نارات مەنزىرە رايونىنىڭ مول ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى تېز تەرەققىي قىلدى

نارات ئايرودۇرۇمى يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسنى كۈتۈۋالدى

ئىگىلىنىشىچە، ئۆزگەرتىپ-كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشمەزمۇنى ھازىرقى ئۇچۇش-قونۇش يولىنى 300 مېتىر ئۇزارتىش، Cتۈردىكى 6 ئايروپىلان ئورنىنى يېڭىدىن سېلىش، 6000 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تۈر پۈتكەندىن كېيىن ئايرودۇرۇمنىڭ تىرانسپورت كاپالىتى ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، نارات ئايرودۇرۇمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ