قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا پار بىلەن تەمىنلەش ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان رايونلاردىكى بىر قىسىم ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پار بىلەن تەمىنلەش ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ.
قىشلىق ئىسسىنىش ياردەم تولۇقلىمىسى دۆلىتىمىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىلا يولغا قويغان بىر تۈرلۈك تۈزۈم. ئەينى چاغدا، ئىسسىنىش ياردەم تولۇقلىمىسى دۆلەت ئورگانلىرى ھەمدە كارخانا (ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا)-كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىر تۈرلۈك پاراۋانلىقى ئىدى. خۇسۇسىي كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئىسسىنىش ياردەم پۇلى بېرىش-بەرمەسلىكىگە قارىتا دۆلىتىمىز قانۇنلىرىدا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە يوق، بۇنى كارخانىلار تىجارەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزلىرى قارار قىلسا بولىدۇ.
قايسى كىشىلەر پار بىلەن تەمىنلەش ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ؟
بېيجىڭنى مىسالغا ئالساق، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئىسسىنىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش چارىسى»دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەرقايسى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ھەر يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە كېيىنكى ئىسسىنىش پەسلى (شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىنكى يىلى 3-ئاينىڭ 15– كۈنىگىچە)دىكى ئىسسىنىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى بىر قېتىمدىلا تارقىتىدۇ.
تيەنجىن شەھىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەشتىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەربىر ئىسسىنىش پەسلىدىكى مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەش، ئىسسىنىش ياردەم پۇلى 185 يۈەن بولىدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلارنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش ياردەم تولۇقلىمىسى 335 يۈەن بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى خىل ياردەم تولۇقلىمىسى جەمئىي 520 يۈەن بولىدۇ.
پار بىلەن تەمىنلەش ياردەم تولۇقلىمىسىنى پاراۋانلىق كارخانىلىرى ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدۇ.
«كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق ھەققى مالىيەسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (مالىيە-كارخانا (2009) 242-نومۇرلۇق)قا ئاساسەن، پار بىلەن تەمىنلەش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىدارە پاراۋانلىقىغا تەۋە بولۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مائاش تۈزۈمى بويىچە كارخانا ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزسە بولىدۇ. ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسسىنىش ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ كونكرېت دائىرىسى، ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.