يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورى «رەھبەرلىك ئۇچۇرى» سەھىپىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سەي خې بۇ ئىدارە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان.
ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، سەي خې، ئەر، خەنزۇ، 1979-يىل 1-ئايدا تۇغۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ئۇ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋېزىيە باش ئىستانسىسى تېخنىكا ئىدارىسى سىنغا ئېلىش 2-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 2017-يىل 7-ئايدا 9-تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر سۈپىتىدە شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغان، بۇ مەزگىلدە شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى بولغان.
سابىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان جۇ ماۋجوۋ ھازىر بۇ ئىدارە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغا يۆتكەلدى.