شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ لىماغا بېرىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

2024.11.15 15:06 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بورۇئارتنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، لىماغا بېرىپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى.

شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ