لى چياڭ ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىقى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى پۇختا ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك

2024.11.15 15:05 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 12-كۈنى، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك قىشلىق، ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىقى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى توغرىسىدا سىنلىق يىغىن ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىقى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىقى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىك ئاپىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قىشلىق، ئەتىيازلىق ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ئاپىتىدە ۋەيران بولغان ئېتىز ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېتىز ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى تۈزەش ۋە تۈزلەڭلىكتىكى كۆل رايونلىرىنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزـئېرىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بەرپا قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، باشقۇرۇشـئاسراش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن دەۋرىيلىك سۈپەت باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، سېلىنما كاپالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئېتىزلارنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزغا ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىقى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئېتىزلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك.

ليۇ گوجۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ يۆنىلىشنى پۇختا، دەل جايىدا ئىگىلەپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، باشقۇرۇش-قوغداشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، يىللىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى سان-سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ياخشى تاماملاش كېرەك. 3-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە تۇپراقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش مېخانىزمىنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، چېكىنگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. سۇغىرىش رايونى ۋە «بەش كىچىك سۇچىلىق» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، ئېتىزلاردىكى ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە سۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ تەرتىپلىك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ليۇ گوجۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يىل ئاخىرىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ تەرتىپى كۆپ، ۋەزىپىسى ئېغىر، قىشلىق، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە «سەي-كۆكتات» مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار تەمىناتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قىلچە بوشاشماي مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، كېلەر يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ