شىنجاڭ قازاقىستان ئۈچۈن تۆمۈريول ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ بەردى

2024.11.12 15:14 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، قازاقىستان ئالمۇتا قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، مول ھوسۇل بىلەن قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى

ئۆتكەن 21 كۈندە، بۇ ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە تۆمۈريول تىجارىتىنى باشقۇرۇش، يۈك تىرانسپورتىنى تەشكىللەش، پاراۋۇز ئىشلىرى، تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسپىي مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەربىيەلەندى.

ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قازاقىستان ئالمۇتا قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش شۆيۈەنى بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە نۇقتىلىق يۈزلەنگەن مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كەسپىي مائارىپىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلدى. 2023-يىلى، مەكتەپ جۇڭگو-قىرغىزىستان دوستلۇق جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، تىرىشىپ جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. بۇ يىل ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەتلىك قاتناش داشۆسىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى مەكتەپكە كېلىپ زىيارەتتە بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە «يىپەك يولى گاۋتيې كەسىپخانىسى»، «1 + 1 + 2» ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.

شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋېي جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم مەكتىپىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى ئۈستىگە ئېلىشى بولۇپ، مەكتەپنىڭ كەسپىي مائارىپنى «سىرتقا چىقىرىش»ىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق سىناق ئېلىپ باردى ھەمدە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن مەكتىپىمىز يەنە دىققەتنى جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى، جۇڭگو ـ قازاقىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئالاقىدار مەكتەپلەر بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ كۆپ تۈردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەكتەپنىڭ خەلقئارا مەكتەپ باشقۇرۇش تەسىر كۈچىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ