جۇڭگو خەلق بانكىسى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەڭ يېڭى پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، كىرېدىت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تارقىتىش كۆلىمى مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادنى قوللاش رولى داۋاملىق گەۋدىلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئېشىشىدا بىرئاز ياخشىلىنىش بولدى، 10-ئايدا شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلىنىڭ كۆلىمى مۇقىملىشىپ، ئالدىنقى توققۇز ئايدىكى ئوتتۇرىچە 69 مىليارد يۈەن (خەلق پۇلى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) ئازىيىش سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان، شۇنداقلا ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن ياخشى بولغان.
ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سانلىق مەلۇماتىغا قارىتا، مەركىزىي بانكىدىكى زاتلار مۇنداق بىلدۈردى: بىر تەرەپتىن، قەرز پۇل تارقىتىش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى. بەزى بازار ئاپپاراتلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاساسلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تارقاتقان قەرز پۇل مىقدارى 11 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2023-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8 تىرىليون يۈەنگە يېقىن بولغان، 2022-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 20 تىرىليون يۈەنگە يېقىن ئاشقان. يىغىۋېلىش مىقدارى بىلەن يېڭىدىن تارقىتىلغان مىقدارنىڭ ھەممىسى ماس قەدەمدە بىرقەدەر تېز ئېشىپ، ساقلانما كىرېدىت مۈلكىنى جانلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مەلۇم جەھەتتىن ئەكس ئەتتۈرۈپ، قەرز پۇل تارقىتىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، كىرېدىت قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالىشىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ «بەش چوڭ ئىش»نى قوللاش ئۈنۈمى سىجىل گەۋدىلەندى.