ھۆكۈمەت ئېلان قىلدى! بېيجىڭدا بۇ يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنى قىش كىردى، بۇ ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن تۆت كۈن كېيىن بولدى

2024.11.12 15:12 مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ شەھەرلىك كىلىمات مەركىزىنىڭ بۈگۈن قىش كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى «ھۆكۈمەت ئېلانى»: 2024-يىلى بېيجىڭ مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىش ۋەكىللىك پونكىتى كۆزىتىش سۇپىسى پونكىتىنىڭ قىش كىرگەن ۋاقتى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئادەتتىكى يىللاردا (1991-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئوتتۇرىچە) قىش كىرىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى بولۇپ، بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن تۆت كۈن كېچىكىپ كىردى.

«كىلىماتنى پەسلىگە ئايرىش»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى (GB/T42074-2022 ) بويىچە: شۇ يىلىدىكى بەش كۈنلۈك سىيرىلما ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، تۇنجى قېتىم ئۇدا 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان سىيرىلىش ئوتتۇرىچە قىممىتىگە ماس كېلىدىغان بەش كۈنلۈك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا تەرتىپى (توققۇز كۈن) ئىچىدە، بىرىنچى 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان كۈن قىش پەسلىنىڭ باشلىنىش كۈنى قىلىنىدۇ.

ئالدىنقى مەزگىللىك ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭدا 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ سىيرىلىش ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا تەرتىپى 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلەشكە باشلىغان ھەمدە 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇش ئۇدا بەش كۈنگە يەتكەن، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا تەرتىپىدە 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان تۇنجى كۈن 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ( 7.8 سېلسىيە گىرادۇس) بولغان، بۇنىڭغا ئاساسەن 2024 ـ يىلى قىش كىرگەن ۋاقىتنى 11 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ