مائارىپ مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى قانۇنىنى چۈشەندۈردى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى قانۇنىدا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ سالاھىيەت تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، يەسلى باشلىقلىرى، پەرۋىش خادىملىرى، سەھىيە-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.
خادىم سەپلەش كۈچەيتىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى سەپلەش ئۆلچىمىنى بېكىتىش تەلەپ قىلىندى، بالىلار باغچىسى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم بويىچە ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا خىزمەتچىلەرنى تولۇق سەپلىشى كېرەك.
تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش چىڭىتىلىپ، يەسلىلەر ئوقۇتقۇچى قاتارلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلغاندا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەمدە ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك ؛ بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئەھۋاللار ساقلانغانلارنى تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
تەمىنات كاپالىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، يەسلى ۋە يەسلى قۇرغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى مالىيە كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاپ بېكىتىش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ھەر خىل شەكىلدىكى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەكلىكى بەلگىلەندى.