11-ئاينىڭ 11-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قانۇنى»نى چۈشەندۈردى ھەم مائارىپ سىستېمىسىدا قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى سىياسەت، قانۇن-نىزام مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جاڭ ۋېنبىن مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپى تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا خەلق مائارىپى سىستېمىسىدىكى ئاجىز ھالقا بولۇپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىغا بولغان تەشەببۇسىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى قانۇن-تۈزۈم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ.
جاڭ ۋېنبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2023-يىل 8-ئايدىن بۇيان، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپى قانۇنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-، 10-، 12-يىغىنلىرىدا قاراپ چىقىلىپ، 2024-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپى قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار بالىلار، يەسلى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش، سېلىنما كاپالىتى، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، قانۇنىي جاۋابكارلىق، قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىق توققۇز بابقا بۆلۈنگەن، جەمئىي 85 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتە جەھەتتىكى مەزمۇن بەلگىلەنگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە بالىلارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپى قانۇنىدا بالىلار مەركىزى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي-روھىي ساغلاملىقى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشى بەلگىلىنىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ۋە چۈشىنىش تەكىتلەندى. مائارىپ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى ئولتۇراقلاشقان رايوندا يېقىن ئەتراپتا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشىدە، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىمتىھان ياكى سىناقنى تەشكىللەشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى. بېقىش-تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بېقىش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بېقىش ۋە تەربىيەلەش پائالىيىتىنى ئىلمىي يولغا قويۇش كېرەك، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى دەرس مەزمۇنىنى ئۆگىتىشكە بولمايدۇ، دەپ تەكىتلەندى.