14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنىدا 11-ئاينىڭ 8-كۈنى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، 2025-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
بۇ قېتىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى قانۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئائىت قانۇن-تۈزۈم رامكىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىشى، قېلىپلىشىشى، تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ ياخشى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى 1982-يىل 11-ئايدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىر قېتىم تۈزىتىپ باشقىدىن ئىشلەنگەن ۋە بەش قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىم تۈزىتىپ ئىشلەنگەن، بۇ دۆلىتىمىزدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.