شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدىكى دوستانە زاتلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2024.11.12 15:07 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە زاتلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى داۋاملىق تۈردە جۇڭگو ـ بىرازىلىيە دوستلۇق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئىزباسارلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، بەخت ـ سائادەتتىمۇ، جەبىر ـ جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ دەۋر ئىچكى مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. بىرازىلىيەدىكى دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كۆپرەك كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك ـ تۈمەن قىياپىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمەن. ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە دوستلۇقىنى چاڭجياڭ دەرياسى ۋە ئامازون دەرياسىغا ئوخشاش توختىماي ئۆركەشلەپ داۋاملىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېقىندا، بىرازىلىيە سان پاۋلو ئىشتاتى كامپىناس شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئېنرىك تېيشېيرا، بىرازىلىيە _ جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىدىكىلەر، سان پاۋلو داشۆ ھەم سان پاۋلو ئىشتاتىلىق داشۆدىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، رىئودې ژانېيرو كوپاكابانا قەلئەسى مۇزىكا ئۆمىكىدىكىلەر قاتارلىق بىرازىلىيەدىكى 100دىن ئارتۇق دوستانە زات ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ بىرازىلىيە ـ جۇڭگو دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە شۇ جاينىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ