شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

2024.11.11 15:34 مەنبە: خەلق تورى

خۇش خەۋەر بارىكۆل داخې ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى يېڭىلاندى!

11-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇخبىر بارىكۆل پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئىشچىلارنىڭ ئاۋىياتسىيە بىناسى ئىچىدە بېزەش قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، نۆۋەتتە، ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن يەككە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، زال ئىچىنى ئىنچىكە بېزەش باسقۇچىغا كىرگەن، بارىكۆل پۇقراۋى ئايرودۇرۇمىدا 2023-يىل 3-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار بورانلىق ھاۋارايى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنى پائال يېڭىپ، قۇرۇلۇش پىلانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ خىزمەتنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتماقتا.

جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى 3-ئىدارىسىنىڭ بارىكۆل پۇقراۋى ئايرودۇرۇم تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل دىرېكتورى ۋاڭ شۈچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن سۈرئەتنى چىڭ كۆزلەپ، تۈگۈن نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بارىكۆل پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى دۆلەت ئىچى پۇقراۋى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇم تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن ، جەمئىي 712 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجىسى C4 بولىدىكەن، ئۇزۇنلۇقى 3000 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش-قونۇش يولى، 4000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە بىناسى،بەش ئايروپىلان توختاش ئورنى يېڭىدىن قۇرۇلىدىكەن، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، ماي تەمىنلەش، توك، سۇ تەمىنلەش، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەسلىھەلەر يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلىدىكەن.

ئايرودۇرۇم بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داخې بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ قارارلىق قۇرۇلۇشتا يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 300 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇش، يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 700 توننا بولۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش نىشانى بويىچە لايىھەلەنگەن ، شۇنداقلا ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تەرەققىياتىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بارىكۆل داخې ئايرودۇرۇمى دەپ نام بېرىلگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بارىكۆل پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى پىلان بويىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىكەن، 2025-يىل 1-ئايدا ئۇچۇش تەكشۈرۈلىدىكەن، 3-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئايروپىلان ئۇچۇرۇلىدىكەن. ئايرودۇرۇم پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيە تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ