خادىم قىسقارتىلىدۇ! چوڭ شىركەت قايتا تەشكىللەيدىغانلىقى جاكارلىدى

2024.11.11 15:33 مەنبە: خەلق تورى

داۋجونېس قارىمىقىدىكى ئاخبارات تور بېكىتى MarketWatchنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 8-چېسلا، ئامېرىكىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت تەتۈر ئۆزگەرتكۈچىنى ياساش سودىگىرى Enphase Energy شىركەتنىڭ بىر تۈرلۈك قايتا تەشكىللەش پىلانىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ، تەخمىنەن 500 خىزمەتچى ۋە ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرنى قىسقارتىش ھەم مېكسىكىدىكى بىر قىسىم كەسىپلىرىنى قىسقارتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەننەرخنى ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شىركەت خادىم قىسقارتىشنىڭ كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Enphase Energyبۇ يىل 2-ئايدا تاپشۇرغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىركەتتە 3157 خىزمەتچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ئامېرىكىدا ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، Enphase Energyنىڭ پاي چەك باھاسى جەمئىي %49 چۈشۈپ كەتكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ