800 دىن ئارتۇق ئىش ئورنىغا ئوفىتسېرلار بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنىدۇ!

2024.11.11 15:32 مەنبە: خەلق تورى

ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا كەڭ دائىرىدە توپلاش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى 2024-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئارمىيەنىڭ ھەربىي (قوراللىق ساقچى) ئوفىتسېرلارنى بىۋاسىتە تاللاپ ئۆستۈرۈش، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانات يايدۇردى.

ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار سىياسىتىگە ئاساسەن، بىۋاسىتە تاللاپ قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشى ئالىي مەكتەپلىرى ۋە قۇرۇلۇش پېنىدىكى تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى بويىچە شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن تاللىنىدۇ، ئارمىيە قۇرۇلۇشى جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس كەسىپلەرگىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىغا تەۋە بولمىغان ئالىي مەكتەپ ۋە قۇرۇلۇش پېنىدا ئوقۇغان، لېكىن تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە قوبۇل قىلىنغان شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەلالىرى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا 800 دىن ئارتۇق ئارمىيە (ساقچى) ئوفىتسېرلىق ئىش ئورنىغا ئاشكارا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى.

ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە «ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورى» ئارقىلىق كونكرېت قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنى ۋە ئۆلچەم، شەرتلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ. كېيىن ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار قوبۇل قىلىش تەرتىپى بويىچە، بەدەن ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن باھالاش، تەكشۈرۈپ تاللاش، كەسپىي جەھەتتىن باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي تاللاپ، قوبۇل قىلىش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ