«شى جىنپىڭنىڭ تەبىئىي بايلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024.11.11 14:35 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ تەبىئىي بايلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

تەبىئەت − ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساسىي شارائىت. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تەرەققىياتنى پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ تەبىئىي بايلىق خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي بايلىقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت قوغدايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ بەردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەبىئىي بايلىق خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بايلىق، مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بايانلاردىن ئۈزۈندە» سەككىز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 286 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2024 - يىلى 10 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ئىزاھاتى، تەبرىك خېتى، يوليورۇقى قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت - ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ